2017-يىللىق كۈز پەسىللىك 300 مىڭ يۈەنلىك 2-نۆۋەتلىك بەش ئۆتكەللىك ئالاھىدە چوڭ ھالقا كەپتەر پادىشاھى كاتتا مۇكاپات مۇسابىقىسىنىڭ قائىدىسى
كورلا شەھەرلىك پوچتا كەپتىرى جەمئىيىتى باراۋەر، ئادىل، ئاشكارا، سەمىمىي بولۇپ، كەپتەر ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن 2017-يىلى كۈز پەسىللىك 2-نۆۋەتلىك بەش ئۆتكەللىك ئالاھىدە ھالقا كاتتا مۇكاپات مۇسابىقىسىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، داۋاملىق تۈردە كەپتەر ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە مۇسابىقىگە قاتنىشىش سۇپىسى قۇرۇپ چىقىدۇ. بىز يەنىلا كەپتەر ھەۋەسكارلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى چوڭ بىلىمىز، كەپتەر ھەۋەسكارلىرىغا مەسئۇل بولىمىز، مۇسابىقىگە مەسئۇل بولىمىز، مۇسابىقىنى ئەڭ قاتتىق باشقۇرىمىز، مۇسابىقىنى ئەڭ ئاشكارا، ئەڭ ئادىل، ئەڭ باراۋەر ئۇيۇشتۇرىمىز، ئەڭ قىزغىن مۇلازىمەت بىلەن كەپتەر ھەۋەسكارلىرىغا جاۋاب قايتۇرىمىز. «قولىمىزدىن كەلمىسە قىلمايمىز، قىلساق ئەڭ ياخشى قىلىمىز»، بۇ دەل بىز چىڭ تۇرىدىغان قەسەم ھەم ۋەدە!
بىرىنچى، مۇسابىقە ئارىلىقى، ۋاقتى، تۈرى
1. مۇسابىقە ئارىلىقى: 300km، 400km، 500km، 530km، 500km، 2. مۇسابىقە ۋاقتى: 10-ئاينىڭ ئوتتۇرىدىن 11-ئاينىڭ بېشىغىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ، مۇسابىقە تۈرى: (1) بەش ئۆتكەللىك ئالاھىدە ھالقا مۇسابىقىسى 500 يۈەن / كەپتەر 】بەش ئۆتكەل مۇسابىقىسى【
ئىككىنچى، ھەق تاپشۇرۇش شەكلى
(1) بەش ئۆتكەللىك ئالاھىدە ھالقا مۇسابىقىسى چوقۇم 740 مىڭ يۈەنلىك تۆت ئۆتكەللىك ئالاھىدە ھالقا مەخسۇس ھالقىسىنى سېتىۋېلىش ئاساسىدا ھالقا نومۇرىنىڭ شەكلىنى بېكىتىشنى ئاساس قىلىدۇ، بەش ئۆتكەللىك مۇسابىقىگە قاتنىشىش ھەققىنى تاپشۇرۇشنى قارار قىلسا ھەربىر كەپتەر ئۈچۈن 500 يۈەندىن بىراقلا تۆلەيدۇ، ھالقا نومۇرى بېكىتىلگەندىن كېيىن ئۆزگەرتىشكە ياكى ھەقنى قايتۇرۇۋېلىشقا بولمايدۇ. ھالقا نومۇرىنى تاق كەپتەر بويىچە بېكىتىشكە ياكى كۆپ كەپتەر بويىچە بېكىتىشكە بولىدۇ (كەپتەر ئىككىدىن كۆپ بولسا چوقۇم ئۇلانما نومۇر بولۇشى كېرەك)، كۆپ بولسا چەكلەنمەيدۇ.
(2) بەش ئۆتكەللىك ئالاھىدە ھالقا ۋە مېتالدىن ياسالغان ئىچكى ھالقىنى چوقۇم مۇسابىقە كەپتىرىنىڭ ئوخشاش بىر پۇتىغا تاقاش كېرەك، مېتالدىن ياسالغان ئىچىگە قاپلانغان ھالقىنىڭ گىرۋىكى ئاستىغا قارايدۇ، بولمىسا مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتى ۋە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن نەتىجىسى بىكار قىلىنىدۇ.
ئۈچىنچى، مۇكاپاتنى تەقسىملەش
(1) بەش ئۆتكەللىك ئالاھىدە ھالقا مۇسابىقىسىنىڭ مۇكاپات ئاساسىي سوممىسى 300 مىڭ يۈەن
(2) چېمپىيون 70000 يۈەن، ئىككىنچى دەرىجە 50000 يۈەن، ئۈچىنچى دەرىجە 30000 يۈەن، 4-10 دەرىجە ھەربىرىگە 10000 يۈەن، 11-20 دەرىجە ھەربىرىگە 8000 يۈەن، 21-N ھەربىرىگە 5000 يۈەن.
(3) بەش ئۆتكەللىك مۇسابىقىدە 600 دانە كەپتەر ئاساس قىلىنىپ ھەربىر كەپتەرگە 500 يۈەن مۇسابىقە ھەققى تاپشۇرۇلىدۇ، ئەگەر 600 دىن ئېشىپ كەتسە ئېشىپ كەتكەن ھەر 10 كەپتەرگە 1 مۇكاپات تۈرى قوشۇلۇپ مۇكاپات سوممىسى 5000 يۈەن قىلىپ بېكىتىلىدۇ، مۇشۇ تەرتىپ بويىچە داۋاملىشىدۇ. ئاخىرىدىكى 10 كەپتەرگە توشمىسا %90 بويىچە مۇكاپات تارقىتىپ بېرىلىدۇ.
تۆتىنچى، بەش ئۆتكەللىك ئالاھىدە ھالقا كەپتەر پادىشاھى كاتتا مۇكاپات مۇسابىقىسىنىڭ ئىسىم تەرتىپىنى باھالاش:
300km، 400km، 500km، 530km، 500km مۇسابىقىگە قاتناشقان ھەربىر كەپتەرنىڭ بەش مەيداندىكى تاق ئۆتكەل مۇسابىقىدە ئېرىشكەن كۈچكە ئىگە سۈرئىتى ئۆزئارا قوشۇلىدۇ، ھەربىر مەيداندىكى سۈرئىتى تېز بولغانلارنىڭ ئىسمى ئالدىغا تىزىلىدۇ، ئومۇمىي سۈرئىتى ئوخشاش بولسا، بەشىنچى ئۆتكەلدە سۈرئىتى تېز بولغانلارنىڭ ئىسمى ئالدىغا تىزىلىدۇ.
بەشىنچى، مۇسابىقە قائىدىسى
(1) بەش ئۆتكەللىك ئالاھىدە ھالقا كەپتەر پادىشاھى كاتتا مۇكاپات مۇسابىقىسىدە بىرلا كەپتەر قايتىپ كېلىش تۈزۈمى ئالاھىدە بېكىتلدى، ھەرقايسى ئۆتكەللەردە كەپتەر ئۇچۇرغان كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 20:00 دىن بۇرۇن ئۇۋىسىغا قايتىپ كېلىپ سائىتى پېچەتلەنگەن بولسا كۈچكە ئىگە بولىدۇ. كەپتەر ئۇچۇرغان كۈنى سائەت 20:00 دىن كېيىن قايتىپ كەلگەن كەپتەرلەرنىڭ بەش ئۆتكەل ئالاھىدە ھالقا ئۇنىۋېرسال ئىسىم تەرتىپىنى باھالاش سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ. ئىزاھات: بەش ئۆتكەل ئالاھىدە ھالقا مۇسابىقىسىگە قاتناشقان كەپتەرلەر چوقۇم كەپتەر جەمئىيىتىنىڭ ئادەتتىكى مۇسابىقىسىگە قاتناشقان بولۇشى كېرەك، بولمىسا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن نەتىجىسى بىكار قىلىنىدۇ.
(2) ئەگەر بىرىنچى ئۆتكەلدە شۇ كۈنى بەش ئۆتكەل ئالاھىدە ھالقا مۇسابىقىسىگە قاتناشقان كەپتەرلەردىن بىرىمۇ قايتىپ كەلمىسە مۇسابىقە ئاخىرلاشتۇرۇلىدۇ، بەش ئۆتكەل ئالاھىدە ھالقا مۇسابىقىسىدىكى بارلىق پۇللار قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ. ئەگەر ئىككىنچى ئۆتكەلدە شۇ كۈنى بەش ئۆتكەل ئالاھىدە ھالقا مۇسابىقىسىگە قاتناشقان كەپتەرلەردىن بىرىمۇ قايتىپ كەلمىسە مۇسابىقە ئاخىرلاشتۇرۇلىدۇ. ئەگەر ئۈچىنچى ئۆتكەلدە شۇ كۈنى مۇسابىقىسىگە قاتناشقان كەپتەرلەردىن بىرىمۇ قايتىپ كەلمىسە، ئۈچىنچى ئۆتكەل بويىچە قەپەسكە سولانغان كەپتەرلەرگە مۇكاپات پۇلى ئوخشاش تەقسىم قىلىپ بېرىلىدۇ. (ئىزاھات: ئالدىنقى ئىككى ئۆتكەلدە كۈچكە ئىگە شامال سۈرئىتى لاياقەتلىك بولغان ھەمدە كەپتەر قەپەسكە سولانغان بولۇشى لازىم) ئەگەر تۆتىنچى ئۆتكەلدە شۇ كۈنى بەش ئۆتكەللىك ئالاھىدە ھالقا مۇسابىقىسىگە قاتناشقان كەپتەرلەردىن بىرىمۇ قايتىپ كەلمىسە، تۆتىنچى ئۆتكەل بويىچە قەپەسكە سولانغان كەپتەرلەرگە مۇكاپات پۇلى ئوخشاش تەقسىم قىلىپ بېرىلىدۇ. (ئىزاھات: ئالدىنقى ئۈچ ئۆتكەلدە كۈچكە ئىگە شامال سۈرئىتى لاياقەتلىك بولغان ھەمدە كەپتەر قەپەسكە سولانغان بولۇشى لازىم)، مۇشۇ قائىدە بويىچە داۋاملىشىدۇ.
(3) بەش ئۆتكەللىك ئالاھىدە ھالقا كەپتەر پادىشاھى مۇسابىقىسىدە ئۇۋىسىغا قايتىپ كەلگەن كەپتەرنىڭ بەش ئۆتكەلدىكى ئۇنىۋېرسال نەتىجىسى ئاساس قىلىنىدۇ، ئەگەر بەش ئۆتكەلدىكى ئالاھىدە ھالقا كەپتەر پادىشاھى مۇسابىقىسىدە مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغان كەپتەر تىزىملىكى توشمىغان بولسا، بەش ئۆتكەلدىكى ئالاھىدە ھالقا كەپتەر پادىشاھى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئالدىنقى قاتاردىكى كەپتەرلەر ئۇتقان بولىدۇ، تېگىشلىك مۇكاپات پۇلىنى ئالىدۇ، ئېشىپ قالغان مۇكاپات پۇلى بەش ئۆتكەل ئالاھىدە ھالقا كەپتەر پادىشاھى مۇسابىقىسىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كەپتەرلەرگە ئوخشاش تەقسىم قىلىنىدۇ.
(4) بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقە قائىدىسىنى ئېتىراپ قىلغان ھەمدە كورلا شەھەرلىك پوچتا كەپتىرى جەمئىيىتىگە تىزىمغا ئالدۇرغان ئەزالارنىڭ ھەممىسى ھالقا سېتىۋېلىپ مۇسابىقىگە قاتناشسا بولىدۇ، ھەقىقىي نام بىلەن ھالقا سېتىۋېلىش كېرەك، بەش ئۆتكەللىك ئالاھىدە ھالقا مۇسابىقىسىدە ھالقا نومۇرى بېكىتىلگەندىن كېيىن ھەرقانداق سەۋەب بىلەن ئۆزگەرتىشكە ۋە پۇلنى قايتۇرۇۋېلىشقا بولمايدۇ.
(5) بەش ئۆتكەللىك ئالاھىدە ھالقا كەپتەر پادىشاھى مۇسابىقىسىدە ھالقا نومۇرىنى بېكىتىشنىڭ ئاخىرلىشىش ۋاقتى 2017-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى. بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە 2015-يىلى جۇڭگو پوچتا كەپتىرى جەمئىيىتى تارقاتقان «پوچتا كەپتەرلىرىنى ئۇچۇرۇش قائىدىسى ۋە ھۆكۈم قىلىش ئۇسۇلى» قاتتىق ئىجرا قىلىنىدۇ. كەپتەرلەرنىڭ ئېرىشكەن مۇكاپاتىدىن ئېلىنىدىغان باجنى كەپتەر ئىگىسى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئولىمپىك روھىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن روھلاندۇرۇش دورىسىغا قارشى تۇرۇش نىزامى قاتتىق ئىجرا قىلىنىدۇ.
بەشىنچى، باشقا ئىشلار
(1) بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە نازارەت ھەيئىتى قۇرۇلىدۇ، 5 نەپەر ۋەكىل سايلىنىپ ھەر قايسى مۇسابىقىلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىشلىرىنى نازارەت قىلىدۇ. ھەر قېتىملىق مۇسابىقىدە نازارەت ھەيئىتى كەم دېگەندە 2 ئادەمنى ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ كەپتەر ئۇچۇرۇشنى نازارەت قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ.
(2) مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كەپتەرنىڭ ئىگىسى چوقۇم كەپتەر جەمئىيىتى مەخسۇس ئىشلىتىدىغان «يۈنفېي» ماركىلىق ئېلېكتىرونلۇق سىكاننېرلاش كەپتەر سائىتى ئىشلىتىشى لازىم (بىرىنچى قېتىم تىزىمغا ئالدۇرغاندا)، ئەگەر ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسە مۇسابىقىگە قاتناشقان كەپتەر ئىگىسىنىڭ مەزكۇر مەيدان مۇسابىقىدىكى بارلىق نەتىجىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. «يۈنفېي» ئېلېكتىرونلۇق سىكاننېرلاش كەپتەر سائىتىدە مەسىلە كۆرۈلۈلسە كەپتەر جەمئىيىتىگە بېرىپ «يۈنفېي» سىككاننېرلاش سائىتىنى مەلۇم قىلىش ۋاقتى شەھەر رايونىدا 90 مىنۇتتىن، شەھەر ئەتراپىدا (شەرقىي ۋوگزال، گۇڭسەنتۇەن، تەرەققىيات رايونى، 28-تۈەن، غەربىي ۋوگزال) دا 120 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. 501، تاشدەن قاتارلىق جايلاردا 150 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، (بىرىنچى قېتىم سائەت تاقاپ يوللىغاندا) ئەگەر ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسە مۇسابىقىگە قاتناشقان كەپتەر ئىگىسىنىڭ بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى بارلىق نەتىجىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ.
(3) تەبىئىي ئاپەت، ئېغىر ۋابا، قارشى تۇرغىلى بولمايدىغان كۈچ قاتارلىق ئەھۋاللار يۈز بەرسە كورلا شەھەرلىك كەپتەر جەمئىيىتى مۇسابىقە نازارەت قىلىش ھەيئىتى مۇسابىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ياكى كەينىگە سۈرۈشنى قارار قىلىدۇ.
(4) مۇسابىقىنىڭ ئادىل، باراۋەر، ئاشكارا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن نازارەت قىلىش ھەيئىتى، كېسىم ھەيئىتى، رېپىرلار ھەيئىتىنىڭ ئىسىملىكىنى كورلا شەھەرلىك پوچتا كەپتىرى جەمئىيىتى بېكىتىدۇ، مۇسابىقىدە كەپتەر يىغىشتىن بۇرۇن ئېلان قىلىدۇ. مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ئەزالارنىڭ مۇسابىقىدىكى نەتىجىگە پىكرى بولسا، چوقۇم مۇسابىقە نەتىجىسى ئېلان قىلىنىپ 24 سائەت ئىچىدە كېسىم ھەيئىتىگە يازما شەكىلدە ئىلتىماس قىلىشى ھەمدە بەلگىلىمە بويىچە 500 يۈەن شىكايەت قىلىش ھەققى تاپشۇرۇشى، ئىسپات تاپشۇرۇشى لازىم، كېسىم ھەيئىتى ئاخىرقى كېسىمنى چىقىرىدۇ.
(5) كېسىم ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى. گۇڭ خوۋيى (شەھەرلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ئىدارىسى، شەھەرلىك كەپتەر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى)، جاڭ زېلىياڭ (ئوبلاستلىق كەپتەر جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى)، خې بىن (شەھەرلىك كەپتەر جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى)، جاۋ چۈەنشېڭ (شەھەرلىك كەپتەر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى)، (جياۋ جېڭرۇڭ (شەھەرلىك كەپتەر جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى)، ئىلھام (شەھەرلىك كەپتەر جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى)، ھاشىم (شەھەرلىك كەپتەر جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى).
(6) بۇ قائىدىنى ئاخىرقى چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى ۋە تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى كورلا شەھەرلىك پوچتا كەپتىرى جەمئىيىتىگە تەۋە، بۇ قائىدە ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ، كورلا شەھەرلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو -تېلېۋىزىيە ئىدارىسىگە يوللىنىپ ئەنگە ئېلىنىدۇ، بەلگىلىمە بويىچە تەكشۈرۈلىدۇ ۋە ئىشلىتىلىدۇ، مۇسابىقىدە كۆرۈلگەن كاشىلىلارغا كەپتەر جەمئىيىتى مەسئۇل بولىدۇ.
(7) AB كەپتەرخانىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، كەپتەر جەمئىيىتى تۆت ئۆتكەل ئالاھىدە ھالقا تاقالغان مۇسابىقە كەپتەرلىرىنى قەرەلسىز تەكشۈرىدۇ، ئىككى قېتىمدا كەپتەر تەكشۈرۈشنى سەۋەبسىز رەت قىلغانلارنىڭ تۆت ئۆتكەل ئالاھىدە ھالقا مەخسۇس ھالقا مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ.
(8) كەپتەر يىغىش، تىزىمغا ئالدۇرۇش قاتارلىق باشقا ئىشلاردا كورلا شەھەرلىك پوچتا كەپتىرى جەمئىيىتىنىڭ 2017-يىللىق كۈز پەسىللىك ئادەتتىكى مۇسابىقە قائىدىسى ئاساس قىلىنىدۇ.
كورلا شەھەرلىك پوچتا كەپتىرى جەمئىيىتى
2017-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى
|