|
قەشقەر شەھەرلىك پوچتا كەپتىرى جەمىئىيىتىنىڭ 2018-يىللىق مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرلىشى
(ئادەتتىكى مۇسابىقە ئومۇمىي مۇكاپات سوممىسى 92600 يۈەن،ئەتىيازلىق مۇسابىقە دەرىجىىسى 170-دەرىجە،كۈزلۈك مۇسابىقە 380-دەرىجە)
ئورۇنلاشتۇرغۇچى ئورۇن:-قەشقەر شەھەرلىك پوچتا كەپتىرى جەمىيىتى.1
نازارەت قىلغۇچى ئورۇن:-قەشقەر شەھەرلىك مەدەنىيەت ئىدارىسى.2
مۇسابىقە قائىدىسى جۇڭگۇ پوچتا كەپتىرى جەمىئىيىتى تارقاتقان‹2015-يىللىق جۇڭگۇ پوچتا 3 كەپتىرى جەمىئىيىتى مۇسابىقە قائىدىسى ۋە شىنجاڭ ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پوچتا كەپتىرى جەمىئىيىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەلىپىگە ئاساسەن ھەمدە قەشقەر شەھەرلىك پوچتا كەپتىرى جەمىئىيىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن ئىجرا قىلىنىدۇ.
ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پوچتا كەپتىرى جەمىئىيىتىنىڭ 2015-يىللىق يىغىنىنىڭ روھىغا ۋە كەپتەر پۇتىغا سالىدىغان ھالقىلارنىڭ باشقۇرۇش چارىسىغا ئاساسەن،ئۇيۇشما ئەزالىرى ھالقا تاپشۇرۇپ ئالغاندا،ئۆزىنىڭ نامى بىلەن قول قويۇپ ئالىدۇ ھەمدە ئارخىپ قىلىپ ساقلىنىدۇ.
2018-يىللىق كەپتەر ھالقىسىنى ئەزالارنىڭ كەپتەر باقىدىغان قۇما نومۇرى بويىچە تارقىتىپ بىرىلىدۇ قۇما نومۇرى 1-50 گىچە بولغان ئەزالار كەپتەر ھالقىسىنى ئىسمايىل سابىردىن تاپشۇرۇپ ئالىدۇ.تىلىفۇن:13899169306 قۇما نومۇرى 51-100 گىچە بولغان ئەزالار يولداش شۇۋىي رۇڭدىن تاپشۇرۇپ ئالىدۇ.تىلىفۇن: 15599912018.قۇما نومۇرى 101-دىن ئاخىرغىچە بولغان ئەزالار نۇرمەمەتجاندىن تاپشۇرۇپ ئالىدۇ.تىلىفۇن:13899178868 مەزكۇر كەپتەر ھالقىسىنى تاپشۇرۇپ ئىلىپ باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بەرسە ياكى سوۋغا قىلسا، مۇسابىقىدىن باشقا كىلىپ چىققان ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ
مۇسابىقە پىلانى.5
(1.)2018-يىللىق ئەتىيازلىق مۇسابىقە جەمئىي تۆت مەيدان مۇسابىقە بولۇپ،220 كىلومىتىر بىر قىتىم،300 كىلومىتىر بىر قىتىم،430 كىلومىتىر بىر قىتىم،700 كىلومىتىر بىر قىتىم ئۆتكۈزىلىدۇ
(2.)2018 -يىللىق كۈزلۈك مۇسابىقە جەمئىي بەش مەيدان بولۇپ،220 كىلومىتىر بىر قىتىم،300 كىلومىتىر بىر قىتىم،430 كىلومىتىر ئىككى قىتىم،700 كىلومىتىر بىر قىتىم ئۆتكۈزىلىدۇ
.كەپتەر يىغىش مۇسابىقىگە قاتنىشىش ۋە كەلگەن كەپتەرنى تىزىملىتىش ئۇسۇلى .6
مۇسابىقىگە قاتنىشىشتىن بۇرۇن بارلىق كەپتەرلەر چوقۇم 220 كىلومىتىرلىق مۇسابىقىگە قاتنىشىشى شەرت.تەن ساپاسى ساغلام بولمىغان كەپتەرلەرنى مۇسابىقە قەپىزىگە قاچىلاپ ،مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇشقا يول قويۇلمايدۇ.
(2)نومۇر تارقىتىپ كەپتەر يىغىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ.كەپتەر ئىگىلىرى كەپتەرنى كۆرسىتىپ نومۇر ئىلىپ،ئۆچرەتتە تۇرۇپ كەپتەر تاپشۇرىدۇ.نۆۋىتى كەلگەن ئەزالار نەخ مەيداندا بولمىسا،رەت نومۇرى ئىناۋەتسىز بولىدۇ
كەپتەر يىغىش ۋاقتى 150 مىنۇت بولۇپ،ۋاقىت ئۆتۈپ كەتسە ساقلاپ تۇرمايدۇ
كەپتەر يىغىش خىزمىتىگە قاتناشقانلارنىڭ كەپتەر يىغىش ۋاقتى 60 مىنۇت ئۇزارتىپ بىرىلىدۇ
(3.)كەپتەر تىزىملاش جەدۋىلىنى ئەستايىدىل تولدۇرۇش كىرەك،ھەر قېتىملىق مۇسابىقىدىن 5 كۈن بۇرۇن مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلار ئۆزىنىڭ كەپتەرلىرىنى سىكانىرلاپ كەپتەر ئۇيۇشمىسىغا تور ئارقىلىق يوللاپ بىرىش كىرەك.كەپتەر يىغىلغان كۈنى كەپتەر ئۇچۇرىنى سىكانىرلاپ يوللىغۇچىلارنىڭ ئۇچۇرى قوبۇل قىلىنمايدۇ
(4.) 200 كىلومىتىر ،300 كىلومىتىر ،430 كىلومىتىرلىق مۇسابىقىنىڭ ئىناۋەتلىك ۋاقتى بولسا مۇسابىقە كۈنى كەچ سائەت 7 گىچە بولىدۇ.700 كىلومىتىرلىق مۇسابىقىنىڭ ئىناۋەتلىك ۋاقتى مۇسابىقە كۈنى شۇنداقلا ئىككىنجى كۈنى بىيجىڭ ۋاقتى سائەت 9 گىچە بولىدۇ
(5.)مۇسابىقە ئالدىنقى 10-گىچە بولغان كەپتەر ئىگىلىرىگە ئۇيۇشما رەھبەرلىرى تىلىفۇن ئارقىلىق ئۇقتۇرش قىلىپ ،بىكىتكەن ئورۇنغا كەپتەرنى ئىلىپ كىلىپ،تەكشۈرتىشنى ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ.كەپتەر ئىگىلىرىنىڭ باھانە سەۋەپ كۆرسىتىپ رەت قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ.شەھەر ئىچىدىكى ئەزالارنىڭ تىزىمغا ئالدۇرۇش ۋاقتى 40 مىنۇت،يىڭى شەھەر ئەزالىرنىڭ 60 مىنۇت،كونا شەھەر ئەزالىرىنىڭ ۋاقتى 90 مىنۇت بولۇپ،كەپتەر تىزىملاش جەدۋىلىدىكى مەزكۇرنىڭ تىلىفۇن نومۇرى توغرا،ئېنىق بولۇشى،تىلىفۇنى ئوچۇق ،راۋان ھالەتتە بولۇشى لازىم.ئەگەر ئۇيۇشما خىزمەتچى خادىملىرى مەزكۇر بىلەن ئالاقىلىشىش چەكلىمىگە ئۇچرىسا ياكى ئالاقە قىلالمىسا دەرىجىسى ئىناۋەتسىز بولىدۇ.ئەگەر مەزكۇرنىڭ كەپتىرى يوق،ھالقا نومۇرىنىڭ كارتىسى يوق ئەھۋالدا مۇسابىقە نەتىجىسى ۋە دەرىجىسى ئىناۋەتسىز بولىدۇ
(6.)ئەتىيازلىق مۇسابىقە مۇكاپات پۇلى ۋە لوڭقىسى ،مۇسابىقە ئاخىرلىشىپ بىرىنجى ھەپتىنىڭ شەنبە كۈنى بىيجىڭ ۋاقتى سائەت 11:30 دا ئۇيۇشما رەئىسنىڭ (لۇۋىي دۇڭ)ھويلىسىدا تارقىتىپ بىرىلىدۇ.كۈزلۈك مۇسابىقىنىڭ مۇكاپاتى ۋە لوڭقىسى يىللىق خۇلاسە يىغىنىدا بىر تۇتاش تارقىتىپ بىرىلىدۇ
(7.)مۇسابىقىنىڭ باراۋەر،ئادىل،ئاشكارە ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن ،بارلىق ئۇيۇشما ئەزالىرى چوقۇم GPS ئورۇن بەلگىلەش ئۈسكىنىسى سەپلىشى شەرت.ئەمەلىي ھاۋا بوشلۇقى ئارلىقى GPS سىستىمىسىدا ئۆلچەنگەن ئارلىقنى ئاساس قىلىدۇ
(8.)كەپتەرلەرنىڭ سىكانىرلىغان ياكى سىكانىرلانمىغانلىقىغا ئائىت ئۇچۇرنى سۇڭ خانىم-18009983566 ياكى 15009983566 گە تىلىفۇن قىلىپ سۈرۈشتۈرۈڭ
مۇكاپات تەخسىماتى.7
(1.)2018-يىللىق ئەتىيازلىق 4 ئۆتكەللىك مۇسابىقىنىڭ ئومۇمىي مۇكاپات پۇل 20800 يۈەن قىلىپ بىكىتىلدى
220 كىلومىتىرلىق مۇسابىقىدە:چىمپىيۇن 200 يۈەن،ئىككىنجىگە 200 يۈەن،3-گە 200 يۈەن،4-10 غىچە 100 يۈەن.11-50-گىچە 50 يۈەن،جەمئىي 3300 يۈەن مۇكاپات تارقىتىلىدۇ.
300 كىلومىتىرلىق مۇسابىقىدە:1-چىسىگە 600 يۈەن ،ئىككىنجىسىگە 400 يۈەن،3-جىگە 300 يۈەن،4-جىدىن 10-جىگىچە 200 يۈەن،11-جىدىن 20-گىچە 100 يۈەن،21-جىدىن 50-گىچە 50 يۈەن.ئالدىنقى 3 ماھىرغا لوڭقا تارقىتىپ بىرىلىدۇ
1-جىدىن 10-گىچە بولغاب ماھىرغا تەقدىرنامە بىرىلىدۇ.جەمئىي 5200 يۈەن مۇكاپات تارقىتىپ بىرىلىدۇ
430-كىلومىتىرلىق مۇسابىقىدە:1-گە 800 يۈەن،2-گە 500 يۈەن،3-گە 300 يۈەن،4-جىدىن 10-گىچە 200 يۈەن،11-جىدىن 50-گىچە 100 يۈەن.ئالدىنقى 3 ماھىرغا لوڭقا بىرىلىدۇ.1-جىدىن 10-گىچە تەقدىرنامە بىرىلىدۇ.جەمئىي 7000 يۈەن مۇكاپات تارقىتىپ بىرىلىدۇ
700 كىلومىتىرلىق مۇسابىقىدە:1-گە 1000 يۈەن،2-گە 600 يۈەن،3-گە 300 يۈەن،4-جىدىن 20-گىچە 200 يۈەن،ئالدىنقى 3 ماھىرغا لوڭقا بىرىلىدۇ.1-جىدىن 10-گىچە تەقدىرنامە بىرىلىدۇ.جەمئىي 5300يۈەن مۇكاپات تارقىتىپ بىرىلىدۇ
(2.)2018 -يىللىق كۈزلۈك مۇسابىقە جەمئىي 5 مەيدان 4-ئۆتكەللىك كەپتەر شاھىنى تاللاش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىلىدۇ.ئومۇمىي مۇكاپات 71800 يۈەن
220 كىلومىتىرلىق مۇسابىقىدە:1-جىگە 200 يۈەن،ئىككىنجىگە 200 يۈەن،3-گە 200 يۈەن،4-50 غىچە 100 يۈەن. جەمئىي 5300 يۈەن مۇكاپات تارقىتىلىدۇ
300كىلومىتىر2-ئۆتكەل مۇسابىقىدە:1-چىسىگە 800 يۈەن ،ئىككىنجىسىگە 500 يۈەن،3-جىگە 300 يۈەن،4-جىدىن 10-جىگىچە 200 يۈەن،11-جىدىن 50-گىچە 100 يۈەن،51-جىدىن 100-گىچە 50 يۈەن.ئالدىنقى 3 ماھىرغا لوڭقا تارقىتىپ بىرىلىدۇ.1-جىدىن 10-گىچە تەقدىرنامە بىرىلىدۇ.جەمئىي مۇكاپات 9500 يۈەن
430-كىلومىتىر3-ئۆتكەل مۇسابىقىدە:چىمپىيونگە 1000 يۈەن،2-گە 800 يۈەن،3-گە 500يۈەن،4-جىدىن 10-گىچە 200 يۈەن،11-جىدىن 50-گىچە 100 يۈەن،51-جىدىن 100-جىگىچە 50 يۈەندىن،ئالدىنقى 3 ماھىرغا لوڭقا بىرىلىدۇ.1-جىدىن 10-گىچە تەقدىرنامە بىرىلىدۇ.جەمئىي 10200 يۈەن مۇكاپات تارقىتىپ بىرىلىدۇ
430-كىلومىتىر4-ئۆتكەل مۇسابىقىدە:چىمپىيونگە 1000 يۈەن،2-گە 800 يۈەن،3-گە 500يۈەن،4-جىدىن 10-گىچە 200 يۈەن،11-جىدىن 50-گىچە 100 يۈەن،51-جىدىن 100-جىگىچە 50 يۈەندىن،ئالدىنقى 3 ماھىرغا لوڭقا بىرىلىدۇ.1-جىدىن 10-گىچە تەقدىرنامە بىرىلىدۇ.جەمئىي 10200 يۈەن مۇكاپات تارقىتىپ بىرىلىدۇ.
700 كىلومىتىر 5-ئۆتكەل مۇسابىقىدە:چىمپىيونغا 1500 يۈەن،2-گە 1000 يۈەن،3-گە 500يۈەن،4-جىدىن 30-گىچە 200 يۈەن،ئالدىنقى 3 ماھىرغا لوڭقا بىرىلىدۇ.1-جىدىن 10-گىچە تەقدىرنامە بىرىلىدۇ.جەمئىي 8400يۈەن مۇكاپات تارقىتىپ بىرىلىدۇ
2-3-4-5-ئۆتكەللىك كەپتەر شاھىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە :-چىمپىيونغا 3000 يۈەن،ئىككىنجىگە 2000 يۈەن،ئۈچىنجىگە 1000 يۈەن،4-10گىچە 600 يۈەندىن.11-50 گىچە 300 يۈەندىن،51-80 گىچە 200 يۈەندىن ،ئالدىنقى 10 ماھىرغا لوڭقا بىرىلىدۇ.1-10 تەقدىرنامە بىرىلىدۇ.جەمئىي 28200 يۈەن مۇكاپات تارقىتىپ بىرىلىدۇ
8.مۇسابىقىنىڭ باراۋەر،ئادىل،ئاشكارە ئۆتكۈزۈلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ،مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلار مۇسابىقە نەتىجىسىگە پىكىر-تەلەپ قىلسا،نەتىجە ئىلان قىلىنىپ 24 سائەت ئىچىدە يازما ئىلتىماس سۇنسا بولىدۇ.نارازىلىق ئەرز قىلسا،ئەرز ھەققى ئۈچۈن 500 يۈەن تاپشۇرۇپ،دەلىل-ئىسپات بىلەن تەمىنلەيدۇ.ھەمدە ئەرز-كىسىم كومىتىتىنىڭ قارارىنى كۈتىدۇ
قەشقەر پوچتا كەپتىرى جەمىئىيىتى
يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى 2017

|