会员名: 密码:
注册会员|忘记密码 滚动广告,滚动广告滚动广告滚动广 2024年5月8 星期三
设为首页
加入收藏
联系我们
[帮助]
[导航]
[投稿]
俱乐部首页 特别推荐 经典信息 俱乐部快讯 俱乐部规章 俱乐部赛绩 俱乐部交流 俱乐部拍卖 俱乐部直播 俱乐部视频 俱乐部图片 服务指南
站内搜索 ★在线注册俱乐部网站 ★下载俱乐部申请表

维文喀什噶尔赛鸽俱乐部2016年春第六届“希望杯”竞赛规程

2016/1/7 23:01:38    新疆喀什噶尔赛鸽俱乐部


 

قەشقەر بەيگە كەپتەر كۇلۇبىنىڭ 2016- يىللىى باھار ئالتىنجى نۉۋەتلىك (ئۈمىد لوڭقىسى تالىشىش)

مۇكاپاتلىق مۇسابىقىسىنىڭ قائىدە تەرتىۋى

 

1. ئورۇنلاشتۇرغۇچى ئورۇن: قەشقەر بەيگە كەپتەر كۇلۇبى.

2.مۇسابىقىنى نازارەت قىلغۇچى ئورۇن:ۋىلايەتلىك تەنتەربىيە باش ئۇيۇشمىسى، ۋىلايەتلىك پوچتا كەپتە جەميىتى

3.بۇ قىتىمقى مۇسابىقە بىر ئۆتكەللىك مۇسابىقە بولۇپ كەپتەرلەرنىڭ دەرجىسى مىنۇتلۇق تىزلگىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىك تەرتىېۋى بويۇنچە تىزىلىدۇ.

4 .مۇسابىقە ۋاقىتى:

‹1›180 كىلومىتىرلىق سالاھىيتىنى بىكىتىش مۇسابىقىسىنىڭ ۋاقتى: 2016-يىلى3- ئاينىڭ 5- كۈنى (يەكشەنبە)

‹2›300 كىلومىتىرلىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ ۋاقتى: 2016- يىلى 3- ئاينىڭ 13- كۈنى (يەكشەنبە) ‹شىنجاڭ ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 6:00 دىن كەچ سائەت 21:00-گىچە›

5. مۇسابىقە ئارىلىقى:

 ‹1› 180 كىلومىتىرلىق سالاھىيتىنى بىكىتىش مۇسابىقىسى بىر قىتىم. (مارالبىشى قارا قىچىن تۇرمە ئەتراپى)

‹2› 300 كىلومىتىرلىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە بىر قىتىم.(قويۇپ بىرىش ئورنى مارالبىشى شاخۇر ئورمانچىلىق مەيدانى)

6. مۇسابىقە قائىدىسى ۋە تەلىۋى :

‹1› بۇقىتىمىلىق مۇسابىقە جۇڭگۇ پوچتا كەپتىرى جەمئىيىتىنىڭ «  2015 – يىللىق پوچتا كەپتەر مۇسابىقە قائىدىسى » ۋە رىپىرلىق قائىدىسىگە  قاتتىق ئەمەل قىلغان ئاساستا ئىلىپ بىرىلىدۇ.

‹2›مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلار چوقۇم قۇما ئورنىنى (GPS ) ئۆلچەتكەن بولىشى كىرەك.شۇنىڭ بىلەن 2016 يىللىق ئەزالىق بەدەل پۇلىنى تاپشۇرغان بولىشى قولىدا ئەنجيې ماركىلىق ئىلىكتۇرۇنلۇق سىكانىرلاش سائىتى بولۇشى كىرەك.غەيرى كۇلۇپ ئەزالىرىنىڭكى مۇسابىقىگە قاتنىشىشى سىپايىلىق بىلەن رەت قىلنىدۇ.مۇسابىقىنىڭ ئادىللىقغا كاپالەتلىك قىلىشى ئۈچۈن قەشقەر شەھەرنىڭ خەلق مەيداننى مەركەز قىلغان 30كىلومىتىر دائىردىكى قۇما ئىگىلىرى مۇسابىقىگە ئۆز نامى بىلەن قاتناشسا بولىدۇ.

‹3› مۇسابىقىگە قاتناشقان كەپتەرلەرگە جۇڭگو پوچتا كەپتەرلەر جەمئيىتىدىن تارقاتقان بىر تۇتاش ھالقا سېلىنىشى كىرەك. ھالقا كارتىسى بولمىسا نەتىجىسى ئىناۋەتسىز.

‹4› مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىىلار مۇسابىقىگە تىزىمغا ئالدۇرۇش جەدىۋىلىنى ئەستايىدىل تولدۇرشى لازىم. ھالقا نۇمۇرى ،پەي رەڭگى ،جىنس ئايرىمىسى ،كۆز رەڭگى خاتا تولدۇرسا،مەزمۇنىنى چۇشۇرۇپ قويسا، ئۆزگەرتسە،شۇ كەپتەرنىڭ نەتىجىسى ئىناۋەتسىز. 

‹5› ئەگەر بەيگىگە چۈشكەن كەپتەرلەر پەيلىرىدە يوشۇرۇن بەلگە ياكى تىلفۇن نومۇرى بايقالسا ساختىلىق ئىشلىتىلگەن دەپ قارلىپ مەزكۇر كەپتەرنىڭ نەتىجىسى ئىناۋەتسىز قىلىنىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەزكۇر كەپتەر ئىگىسىنىڭ كۇلۇپ ئەزالىق سالايھىتى ئىككى يىل ئىلىپ تاشلىنىدۇ .

‹6› قۇما ئورنى ئۆزگەرگەن ياكى باشقا ئورۇنغا كۆچكەن بولسىمۇ كۇلۇبىمىزغا قۇما ئورنى قايتا ئۆلچەشكە ئىلتىماس قىلمنىغان بولسا ساختىلىق قىلىنغانالار قاتارىدا قارىلىپ ، مۇسابىقە نەتىجىسى ئىناۋەتسىز قىلىنىدۇ ، شۇنداقلا مەزكۇر ئەزانىڭ كۇلۇپ ئەزالىىق سالايھىتى ئىككى يىل ئىلىپ تاشلىنىدۇ .

‹7› ھەر قىتىمقى مۇسابىقىنى ئۇچتىن ئارتۇق كۇلۇپ ئەزاسى ۋەكىل بولۇپ كەپتەر يىغىش، قويۇپ بىرىش قاتارلىق پۇتۇن جەرياننى سىنئالغۇغا ئالىدۇ ۋە نازارەت قىلىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەر قانداق ۋاقىت ھەر قانداق ئورۇندا ھەر قانداق كىشىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىمىز.ئەگەر ساقتا قىلمىش بايقالسا تەكشۇرۇش ئارقىلىق ئەمىليەتكە ئۇيغۇن بولسا ،پاش قىلغۇچىغا  500 يۇەن (بەش يۈز يۇەن) مۇكاپات بىرىلىدۇ. ھەم شۇ كىشىنىڭ مەخپىيەتلىگى ساقلىنىدۇ.

7. كەپتەر يىغىش ۋاقتى ۋە ئورنى:

‹1› كەپتەر يىغىش  ئورنى: توققۇز ساراي رىستۇران دەرۋازا ئالدى ئوڭ تەرەپ 50مىتىر كۇلۇپ ئىشخانىسى ئالدىدا.

‹2›  مۇسابىقىسىگەكەپتەر يىغىش ۋاقتى ۋە ھەق ئىلىش ئۆلچىمى:

‹1›180 كىلومىتىرلىق سالايىھىتىنى بىكىتىش مۇسابىقىنىڭ كەپتەر يىغىش ۋاقتى: 2016- يىلى 3- ئاينىڭ 5- كۈنى(شەنبە) شىنجاڭ ۋاقتى چۇشتىن كىيىن سائەت 12:00دىن 14:00گىچە، كەپتەرنى كىچىكىپ ئىلىپ كەلگۇچىلەرنى ساقلىمايدۇ. ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل. بىر كەپتەرگە 20 يۈەن ئىلىنىدۇ.

‹2› 300 كىلومىتىرلىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ كەپتەر يىغىش ۋاقتى: 2016- يىلى 3- ئاينىڭ 12- كۈنى(شەنبە) شىنجاڭ ۋاقتى چۇشتىن كىيىن سائەت 12:00دىن 14:00گىچە ۋاقىت ئۆتسە ساقلاپ تۇرمايدۇ. بىر كەپتەرگە 30 يۈەن ئىلىنىدۇ.

‹3› مۇسابىقە ئىلىپ بىرىىلىدىغان كۈنى ھاۋارايىدا ئۆزگۇرۇش بولسا كۈلۈبىمىز كەپتەر قويۇپ بىرىش ۋاقتىنى ئايرىم ئۇقتۇرىدۇ.

‹5›ئەگەر مۇسابىقىدە ئوزگۇرۇش بولسا كۇلۇبىمىزنىڭ يىڭى چىقارغان ئۇقتۇرىشى ئاساس قىلىنىدۇ.

8.مۇكاپات تارقىتىش ئۆلچىمى: (ئومومى مۇكاپات سوممىسى 18000 يۈەن). (ئون سەككىز مىڭ يۇەن)

 چىمپىيون2000يۈەن ،ئككىنجى دەرجە 1500يۈەن، ئۈچچىنجى دەرجە1000يۈەن، تۆتىنجىدىن ئونىنجىگىچە‹4-10› 500يۈەن ، ئون بىرىنجى دەرجىدىن ئوتتۇزغىچە ‹11-30› 300يۇەن، ئوتتۇز بىرىنجىدىن ئەللىگىنجىگىچە (31-50) 200يۇەن بىرلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئالدىنقى نەتىجىگە ئىرىشكەن چىمپىيون ، ئىككىجى ۋە ئۈچىنجى بولغان كەپتەرلەرگە ئىسىل لوڭقا ۋە تەقدىرنامە تارقىتىلىدۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە سۈرەتكە تارتىلىپ كۇلۇپ تور بىكىتىدە ئۇزۇن مەزگىل تەشۋىق قىلىنىدۇ ، باشقا كەپتەرلەرگە پەقەت تەقدىرنامە تارقىتىپ بېرىلىدۇ .يۇقارقى چىقىملارغا كۇلۇپ مەسئۇل بولىدۇ .

تاللاپ كۆرسىتىلگەن يەككە كەپتەرلەر مۇسابىقىسىدە يىغىلغان ئومومى پۇل سوممىسىنىڭ 10پىرسەنتى كۇلۇبىمىزنىڭ تەشكىللەش ھەققى قىلىپ تۇتۇپ قىلىنىدۇ. قالغان90پىرسەنتى مۇكاپات سومما ئاساسى قىلىنىپ تارقىتىلىپ بىرىلىدۇ.مۇكاپات بىرىش ئۇسۇلى:بىرىنجى دەرجىگە 50پىرسەنت ئككىنجى دەرجىگە30پىرسەنت ئۈچىنجى دەرجىگە 20پىرسەنت.

9.كەپتەر كەلگەندە  ئۆزىنى مەلۇم قىلىش ئۇسۇلى:

1)بۇ قىتىمقى مۇسابىقىدە ئەنجى ماركىلىق ئىلكتىرونلۇق سىكانېرلاش سائىتى بىلەن  ئۆزىنى مەلۇم قىلىش ئۇسۇلى  قوللىنىلىدۇ.

2) ئىلىكتۇرۇنلۇق سىكانىرلاش سائىتى بىلەن ئۆزىنى مەلۇم قىلىدىغان ئەزالار چوقۇم ئالدىن ئىلتىماس قىلىشى ،ئىلىكتۇرۇنلۇق سىكانىرلاش سائىتىنىڭ ئىقتىدارى ۋە ئىشلىتىش مەشغۇلات ئۇسۇلىنى تولۇق ئىگەنلگەن بولۇشى ھەم كۆرسەتكەن تەرتىپ بويىنچە مەشغۇلات ئىلىپ بىرىشى كىرەك.

3)ئىلىكتۇرۇنلۇق سىكانىرلاش سائىتى بىلەن ئۆزىنى مەلۇم قىلىش ئەپچىل، تىز،ۋاقىت،كۇچ تىجەيدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە.لىكىن ئوبىكتىپ سەۋەپلەرنىڭ چەكلىشى سەۋەپلىك بەزى بى نۇرمال ئەھۋاللار كۆرلۇشى مۇمكىن، مۇسابىقىگە قاتناشقۇچى چوقۇم ئىلىكتۇرۇنلۇق سىكانىرلاش سائىتىنى ئشلىتىش سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان خەۋىپ خەتەرنى ئۆزى ئۇستىگە ئىلىشى كىرەك. مەسىلەن:مەشغۇلات خاتالىقى ،توك توختاپ قىلىش،ئالاقىە ئۇچۇر سىگىنالى راۋان بولماسلىق سان سىفىر يوللاش سۇرئىتى ئاستا بولۇش ،سان سىفىر يوق بولۇپ كىتىش ماگىنىتلىق ئىلىكتۇرۇنلۇق ھالقا سىكانىرلانماسلىق ياكى ئىلىكتۇرۇنلۇق ماگىنىتلىق ھالقا چۇشۇپ قىلىش ،بۇزۇلۇپ كىتىش قاتارلىق مۇسابىقىگە قاتنىشىش مۇۋاپىقىيەتلىك بولماسلىق سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان ئاقىۋەتلەرگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ.بۇ ئىشلارغا كۇلۇبىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. تېخنىكىلىق مەسلىھەت ئىشلىرىغا ئەنجى شىركىتىنىڭ تېخنىك خادىمى شياۋ ياڭ مەسئۇل بولىدۇ .

تېلفۇن : 13958044432

4)كەپتەر مۇسابىقىسىدە ئىلىكتۇرۇنلۇق سىكانىرلاش سائىتىدە ئۆزىنى مەلۇم قىلغان لىكىن ئۇنۇملىك ئۆزىنى مەلۇم قىلىش قەرەلىدە سان ئۇچۇر مەركىزى سانلىق ئامبىرىغا يوللانمىغان بولسا ھەر قانداق سەۋەپ بولشىدىن قەتئىي نەزەر مۇسابىقە نەتىجىسى ھىساپلانمايدۇ.ھەم مۇسابىقە دەرىجىسىگە كىرگۇزۇلمەيدۇ.

5)بۇ قىتىمىقى مۇسابىقىدە كۇلۇبىمىز تارقاتقان ئىلىكتۇرۇنلۇق ھالقا ئىشلىتىلىدۇ.(ئەزالار ئۆزلىرى ئىشلىتىۋاتقان ئىلىكتۇرۇنلۇق ھالقا ئەنجې شىركىتىنىڭ تەمىنلىگەن ئۇچۇر ئۆزگەرتكىلى بولىدىغان ھالقا  بولىشى كىرەك).كەپتەر ئىگىسى چوقۇم مۇسابىقىگە كەپتەر يىغىشتىن ئۈچ كۇن بۇرۇن مۇسابىقىگە سالماقچى بولغان كەپتەرنىڭ ماس ئۇچۇرلىرى كىرگۇزۇلگەن ئۈزۈك سانلىق ئۇچۇرىنى مەركىزى سانلىق باش ئامبارغا يوللاپ بىرشى كىرەك.كەپتەر يغقان كۇنىى سان ئۇچۇرنى يوللاش ياكى مۇسابىقىگە قاتناشقان كەپتەرنىڭ ئۇچۇرىنى ئۆزگەرتىش شارائىتى يوق.

6)بۇقىتىمقى  مۇسابىقىدە ئەنجې ماركىلىق ئىلىكتۇرۇنلۇق سىكانىرلاش سائىتىدە ئۆزى مەلۇم قىلىش ماس قەدەم ئۇچۇرلىرى ئىزچىل ئانجى شىركىتىنىڭ باش مەركىزى ئاپراتىغا يوللىنىدۇ  . ئىلىكتۇرۇنلۇق سىكانىرلاش سائىتىدە ئۆزىنى مەلۇم قىلغاندا ئالاقىلىشىش ئۇسكۇنىسى 24سائەت ئۆزىنى مەلۇم قىلىش سانلىق ئۇچۇرنى قوبۇل قىلىدۇ.ھەم ئاپتۇماتىك دەرىجە پەرىقى ئايرىلىپ رەتكە تىزىلىدۇ .

 http://www.aj52zx.com ئەنجى شىركىتىنىڭ تور ئادرىسى :

10.تەكشۇرۇپ ئۆتكۇزىۋىلىپ دەرجىسىنى مۇقۇملاشتۇرۇش :

‹1›كۇلۇپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇسابىقە ئالدى كەينىدە ھەرقانداق قۇمىنى ھەر خىل شەكىلدە ھەر خىل ئۇسۇلدا تەكشۇرۇپ ئىنىقلاش ھوقوقى بولىدۇ.ئەگەر كەپتەر باققۇچى تەكشۇرۇشكە ماسلاشماي ،تەكشۇرۇپ ئىنىقلاشنى رەت قىلسا كەپتەر باققۇچىنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھيىتى ئىلىپ تاشلىنىپ،مۇسابىقىدىكى نەتىجىسى بىكار قىلىنىدۇ.

‹2›مۇسابىقە نەتىجىسىگە قايىل بولمىغانلار مۇسابىقە نەتىجىسى ئىلان قىلىنغان كۈنى 500 يۈەن (بەش يۈز يۇەن) تاپشۇرۇپ 24 سائەت ئىچىدە ئىسپات بىلەن تەمىنلەپ دەۋا قىلسا بولىدۇ .  دەۋا توغرا بولۇپ غەلىبە قىلسا 500 يۈەن(بەش يۈز يۇەن)  زاكالەت پۇلى قايتۇرۇپ بىرىلىدۇ. دەۋا مەغلۇپ بولسا پۇلى قايتۇرۇلمايدۇ.

11. مۇكاپات تارقىتىش ۋە باھا تالاشتۇرۇپ سىتىش ئۇسۇلى:

‹1› مۇسابىقە ئاخىرلىشىپ ئالدىنقى 50 نىڭ ئىچىگە كىرگەن كەپتەرلەر ئاشكارا باھا تالاشتۇرۇلۇپ سىتىلىدۇ. باھا تالاشتۇرۇپ سېتىشتىن بۇرۇن كەپتەر ئىگىسى دەرىجىگە ئىرىشكەن كەپتەرلەرنىڭ قان نەسەبى، بۇرۇن ئالغان نەتىجىسى قاتارلىقلارنى تولۇق تولدۇرۇپ ئەكىلىشى كىرەك. بىرىنجى، ئىككىنجى، ئۈچچىنجى بولغان كەپتەرلەرنىڭ دەسلەپكى سىتىلىش باھاسى 1000 يۈەن (مىڭ يۇەن) بولۇپ، قالغان كەپتەرلەرنىڭ دەسلەپكى سىتىلىش باھاسى 500 يۈەن بولىدۇ. باھا تالاشتۇرۇپ سىتىلغان كەپتەرلەرنىڭ پۇلى %80 بويىچە ئىگىسىگە قايتۇرلىدۇ. %20 پۇلى تەشكىللىگۇچى ئورۇنغا راسخوت قىلىنىدۇ. سىتىلمىغان كەپتەرلەرنى باھا تالاشتۇرۇپ سىتىش پۇلىنىڭ دەسلەپكى سىتىلىش باھاسىنىڭ %20 بويىچەتاپشۇرۇپ، كەپتەرنى 3كۇن ئىچىدە ئىگىسى ئىلىپ كەتسە بولىدۇ.

‹2›بۇ قىتىمقى مۇسابىقىدە بىردىن بىر كەلگەن كەپتەرنى ئومومى مۇكاپات سوممىسى بىلەن مۇكاپاتلاش تۇزۇمى قوللىنىلمايدۇ.ئەگەر بەلگىلەنگەن مۇسابىقە ئۈنۈملۈك ۋاقتى ئىچىدە كەپتەرلەر كەلمىسە بۇقىتىمقى مۇسابىقە  مۇكات سوممىسى كىلەر قىتىملىق مۇكاپاتلىق ئومومى مۇكاپات سوممىسىغا قىتىۋىتىلىدۇ.

‹2› باھا تالاشتۇرۇپ سىتىش ۋاقىتى، ئورنى ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ. بارلىق مۇكاپات ۋە لوڭقىلار نەخ مەيداندا تارقىتىلىپ بىرىلىدۇ. ھەرقانداق سەۋەپ بىلەن كەپتەرنى سىتىش ئورنىغا ئىلىپ كەلمىگەنلەرنىڭ بارىلىق مۇكاپات پۇلى تۇتۇپ قىلىنغاندىن سىرست شۇ كىشىنىڭ قەشقەر بەيگە كەپتەر كۇلۇبىدا ئىككى يىلغىچە مۇسابىقە ئويناش سالاھىتى ئىلىپ تاشلىنىدۇ.

12. ئالدىن ئالغىلى بولمايدىغان ، تاقابىل تۇرۇش ئىمكانىيتى بولمىغان تەبئى ئامىللار تۈپەيلىدىن ۋە باشقا ھەر قانداق ئويلىمىغان سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن كىلىپ چىققان زىيانغا كۇلۇبىمىز ئىگە بولمايدۇ (زىياننى تۆلەش مەسئۇلىيىتى بولمايدۇ).

13. باشقا ئالاقىدار ئىشلار ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ. باشقا دىيىلمىگەن ئىشلارنى بىلمەكچى بولسىڭىز ھەر ۋاقىت كۇلۇپنىڭ تور بىتىگە دىققەت قىلىڭ.

قەشقەر بەيگە كۇلۇپ تور ئادىرىسى : http://ksgesg.chinaxinge.com

 14. ئەگەر كەپتەر باقىدىغان دوسلارنىڭ چۇشەنمىگەن تەرەپلىرى ۋە پىكىرى بولسا:

يالقۇن: 13899127752             ئېىزىزجان: 13779847710

15. بۇ مۇسابىقە قائىدە تەرتىپلىرىنى چۇشەندۇرۇش ھوقوقى قەشقەر بەيگە كەپتەر كۇلۇبىغا مەنسۇپ.

تۈزگۈچى ئورۇن:

قەشقەر بەيگە كەپتەر كۇلۇبى

 发布时间:2016/1/7 23:01:38 收藏该文章 打印此页 关闭窗口
 相关信息
  • 喀什噶尔赛鸽俱乐部2017年秋开拓者杯双关赛规程 (2017/2/21 23:49:34)
  • 喀什噶尔赛鸽俱乐部2016年春第六届“希望杯”竞赛规程 (2016/1/7 23:05:56)
  • 喀什噶尔赛鸽俱乐部2015年秋“庆祝杯”第五届幼鸽特比环大奖赛暨普通双关鸽王赛规程 (2015/2/19 10:34:34)
  • 维文喀什噶尔赛鸽俱乐部2015年秋“庆祝杯”第五届幼鸽特比环大奖赛暨普通双关鸽王赛规程 (2015/2/19 10:19:17)
  • 友情链接: 爱鸽查询app下载 | 114信鸽网 | 比利时皇家信鸽协会KBDB | 欧洲信鸽站 | 比利时赛鸽天堂 | 更多查询
    实用查询: 信鸽环号查询 | 赛线地图 | 空距计算 | 天气网 | 英汉翻译 | 邮编电话查询 | 列车时刻表 | 手机查询 | IP地址查询 | 更多查询
    关于我们 我们优势 推广方式 付款方式 联系方式 帮助中心
    Copyright 2000-2014 http://www.quanqiuxinge.com All Rights Reserved
    网络赛事直播系统 发明专利号:201310282712.2
    服务电话:微信公众平台:a15732977601 微信手机客服:15732977601 传真:周六、日垂询:15732977601 电邮:1600690287@pp.com
    版权所有:全球信鸽网 http://www.quanqiuxinge.com 备案号:冀ICP备2021028612号